29 ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ،
ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.
شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.
ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ،
جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلگەندى. ئۇلار يەنە جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى.
يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە
يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتتى، ئوفىرغا بارالمىدى.
سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.
بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان خاۋىلا دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتەتتى.
ئوبال، ئابىمائېل، شىبا،
ئۇلار مېشادىن سىفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.
ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.