Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:22
19 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،


زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،


ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ: _ كالدانلار ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ قۇتۇلدۇم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.


ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.


بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.


سام ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مەدھىيەلەنگەي! كەنئاننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.


شالاھ قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لامىكنىڭ ئوغلى،


يەفەتنىڭ ئاكىسى بولغان سامنىڭمۇ ئەۋلادلىرى بار ئىدى. سام ئېبەر جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى.


سامنىڭ ئەۋلادلىرى: توپان بالاسى ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى سامنىڭ ئوغلى ئارپاكشاد تۇغۇلدى. بۇ چاغدا سام 100 ياشتا ئىدى.


ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.»


ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.


مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite