Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يەفەتنىڭ ئەۋلادلىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:2
16 Referans Kwoze  

_ ئەي ئادەم بالىسى، ماگوگ زېمىنىدىكى مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگقا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز


گومەر خەلقىنىڭ لەشكەرلىرى ۋە يىراق شىمالدىكى توگارما يۇرتىنىڭ لەشكەرلىرى بولىدۇ. بۇ قوشۇن ناھايىتى كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن بولىدۇ.


يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەرنى، يەنى يەجۈج بىلەن مەجۈجلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلىنىدىغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىزدۇر.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن.


سەن يىراقتىكى شىمالدىن كېلىسەن، نۇرغۇن خەلق سېنىڭ تەرىپىڭدە بولىدۇ. ھەممىڭلار ئاتلىق زور قوشۇن بولىسىلەر.


ئۇزال زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن شارابلىرىنى ماللىرىڭغا ئالماشتۇراتتى. ساپ تۆمۈر، گۈلدارچىن، پۇراقلىق ئېگىر ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ، تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ. ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.


يەفەتنىڭ ئاكىسى بولغان سامنىڭمۇ ئەۋلادلىرى بار ئىدى. سام ئېبەر جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى.


خۇدا يەفەتنى گۈللەپ ياشناتقاي. ئۇنىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادى بىلەن ئىناق ياشىغاي. كەنئاننىڭ ئەۋلادى يەفەتنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.»


نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:


ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇردىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


مەشەك ۋە تۇبالمۇ ئۇ يەردىدۇر. ئۇلارنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلارمۇ ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite