Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11-12 نىمرود زېمىنىنى ئاسسۇرغا كېڭىيتىپ، نىنەۋى، رىھوبوتىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 10:11
17 Referans Kwoze  

ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.


بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ


پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.


سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن قېچىپ: ‹نىنەۋى خاراب بولدى! كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ. ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!»


خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك، خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ. لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ.


ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»


ئاسسۇرلارمۇ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر.


خاران، كانېھ، ئەدەن، شىبا، ئاسسۇر ۋە كىلماد سودىگەرلىرى سەن بىلەن سودا قىلاتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز، _ دېيىشتى.


شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.


سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ، ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»


ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite