7 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى- ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
ئۇ سۇلارنى بۇلۇتلار بىلەن يۆگەپ قويسىمۇ، بۇلۇت ئېغىرلىقىدىن يېرىلىپ كەتمەيدۇ.
بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ. دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن، ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ.
خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
ئاندىن خۇدا يەنە: «زېمىندا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، يەنى ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ، تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى. سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار، قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.
خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى، ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.
توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن، تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.