6 ئاندىن خۇدا: «سۇلارنى ئىككىگە ئايرىش ئۈچۈن بىر پاسىل بولسۇن!» دېدى.
سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟
پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.
يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.
لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى، ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.
خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى.
ئۇ كۆكتىكى تۇمانلارنى تارقىتىۋېتەلەيدۇ، قېچىپ كېتىۋاتقان يىلاننى قولىنى شىلتىپلا ئۆلتۈرەلەيدۇ.
ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا، قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.
ئۇ قويۇق قارا بۇلۇتلارنى سۇ دانچىلىرىغا تولدۇرۇپ، بۇلۇتلاردىن چاقماق چاقتۇرىدۇ.
بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ. دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن، ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ.
خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن.
پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ ئۆز ئەمرى بىلەن ئاسماننى ياراتقانلىقىنى ۋە يەرنىڭ سۇدىن ھەم سۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەستەن ئۇنتۇيدۇ.
پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.
توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن، تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.