Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:31
21 Referans Kwoze  

خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.


پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.


پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي، پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.


ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟


ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ، ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.


يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى.


يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.


خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.


يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.


يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.


چۈنكى، ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ.


دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك بەلگىسىدۇر. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پۈتۈن ئالەمنى ئالتە كۈندە ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلمىدىم، ئارام ئالدىم.


ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار، شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار.


نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى.


پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇداتنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندۇر، ھەتتا يامانلارنى بالايىئاپەت كۈنىگە قالدۇرغاندۇر.


خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ.


خۇدا يەتتىنچى كۈننى مۇبارەكلەپ، «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇ يارىتىشنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالغان كۈن ئىدى.


ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite