Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:29
22 Referans Kwoze  

بۇرۇن سىلەرگە ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەرگەنىدىم، ئەمدى سىلەرگە ھايۋاناتلارنىمۇ ئوزۇق قىلىپ بېرىمەن.


پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.


بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇتمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك: «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى!»


شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟


خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.


خۇدا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇپ، ئۇلارغا مول تائام ئاتا قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: _ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يېگىن.


بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.


لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.


مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.


يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.


ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.


خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى، تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى.


بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان.


ئۆزۈڭلار ۋە باشقا جانلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغىن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite