Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە، يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:27
20 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە


چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.


خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى».


يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا، چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى. شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ، ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.


مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن، چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان. مەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغان.»


ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.


بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان. ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئايان قىلىندى.


يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.


مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.


_ ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن بېرى، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ بېقىپتىمۇ؟ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كىم ئاڭلاپ بېقىپتۇ؟


مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»


پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.


ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ، بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار. چۈنكى بىز يابېشتىكى جەڭدە ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بەرمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.


توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite