Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:24
15 Referans Kwoze  

بىھېموتقا قارا، ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان. ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.


ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭغا جۈپى بىلەن ئۆزلىرى كېلىدۇ.


يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.


مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار، ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.


كىم ياۋايى ئېشەكنى ئەركىنلىككە چىقىرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىدۇ؟


ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچار قاناتلار،


ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار، ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار.


تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار، تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار.


ئاتقا كۈچنى سەن ئاتا قىلغانمىدىڭ؟ بوينىدىكى يالىنى سەن ياپقانمىدىڭ؟


ياۋايى بۇقا خىزمىتىڭدە بولۇشقا رازى بولامدۇ؟ ئېغىلىڭدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالامدۇ؟


تاغ ئۆچكىسىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟


يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.


پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite