Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:22
16 Referans Kwoze  

كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.


بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.


بىھېموتقا قارا، ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان. ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.


خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق مادا ئېشەككە ئىگە بولدى.


خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇن.


بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.


ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.


شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.


مەن سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن، نەسلىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاۋۇتىمەن ھەم سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


مەن كېلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدىكى مال-مۈلۈكلەر شۇنچىلىك ئاز ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچىلىك كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك.


لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.


ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.


يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite