20 خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلارغا تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچار قاناتلار ئۇچسۇن!» دېدى.
پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
ئۇنىڭ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر ھەققىدە، يەنى لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ھەتتا ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغانىدى.
مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار، ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.
زېمىندىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، يەنى ھەممە جانلىقلارغا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەردىم. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.
خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى.
خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى- ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ.
چۈنكى ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى ھېچقانداق مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر.
يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.
ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى قۇشلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.
يەنى يەر بېغىرلىغۇچى، تۆت پۇتلۇق، كۆپ پۇتلۇق ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەڭلار، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.
بۇنداق جانلىقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، ناپاك بولماڭلار.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟