Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:2
17 Referans Kwoze  

مەن مۇنداق دېدىم: «مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى.


سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار، پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار.


ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر! ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى، ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى. ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.


يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.


ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.


قارا، بۇلار ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىدۇر، ئاڭلىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدۇر، خالاس. ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك كۈچ-قۇدرىتىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟»


نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى، كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى.


دېڭىزنى بۇلۇتلار بىلەن يېپىپ، ئۇنى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئوراپ قويغان مەن ئىدىم.


دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان، چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانتى. گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى، سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانتى.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار، ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار.


تۆرەلگەنمەن دېڭىز-ئوكيانلار يوقتىلا، بۇلاقلار كۆز ئاچماستىلا،


خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن، شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن، يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.»


ئۇ ئۈزۈپ ئۆتكەن يېرىدە دولقۇن قالدۇرۇپ، قايناملارنى ئاق چاچتەك يالتىرىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite