18 يەر يۈزىنى يورۇتتى ھەمدە كۈندۈزنى كېچىدىن، يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئۆرلىسە ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن، بارار چۆرگۈلەپ يەنە بىر چېتىگىچە، قاچالماس ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن.
يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.