Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاندىن خۇدا يەنە: «زېمىندا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، يەنى ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:11
20 Referans Kwoze  

پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ.


ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ، كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.


مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.


پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ باغدا يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق بولغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى «ھاياتلىق دەرىخى»، يەنە بىرى «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ» ئىدى.


تۇپراق تەبىئىي ھالدا ھوسۇل بېرىدۇ. ئۇرۇق ئاۋۋال ئۈنىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ.


ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟


يەر ئۈستىدىن ئاشلىق چىقىدۇ، يەر ئاستىدىكى ئوت ھەممە نەرسىنى ئېرىتىدۇ.


ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.


يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.


قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. شەربەت بۇلىقىدىن زەرداپمۇ چىقمايدۇ.


پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.


ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: _ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يېگىن.


خۇدا بولسا ئۆز خاھىشى بويىچە ئاشۇ ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆز نەسلىگە خاس تەنلىرىنى بېرىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.


تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite