10 خۇدا قۇرۇق يەرنى «زېمىن»، يىغىلغان سۇلارنى «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.
پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي، پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.
خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.
چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا، ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا.
دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى، زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.
ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى، ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.
يۇنۇس ئۇلارغا: _ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.