6 خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.
ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭمۇ قەرزى ئىدى. چۈنكى، يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارغا خاس بولغان روھىي جەھەتتىكى بەختتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىشكە لايىقتۇر.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىساڭلارلا لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.
پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.
قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.
تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.