Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 6:5
14 Referans Kwoze  

ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن.


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ.


ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.


چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.


دانا بولساڭ، ئۆزۈڭ كۆرىسەن پايدىسىنى، مازاق قىلساڭ، ئۆزۈڭ تارتىسەن زىيىنىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite