Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 6:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 6:14
37 Referans Kwoze  

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى، مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. ھەتتا بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.


ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى.


شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.


ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك.


ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.


نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.


جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى.


بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ بىزنى گۇناھ يولىغا باشلىدى، دېسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق دېگىلى بولمايدۇ!


مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى.


چۈنكى، سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدەك يۈرمەكتە.


سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن ئازاد بولغانىكەنسىلەر، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇلارنىڭ «بۇنى تۇتما»، «ئاۋۇنى يېمە»، «بۇنىڭغا تەگمە» دېگەندەك قائىدە-يوسۇنلىرىغا يېپىشىۋالىسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite