گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالغا بېسىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟ Gade chapit la |
يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.
مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.