Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:4
15 Referans Kwoze  

بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى.


دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن.


مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى.


دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن.


مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.


بىراق، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىز ئۈچۈن ئىناۋەتلىكتۇر. شۇڭا، ئارىمىزدىكى بىرەرسىنىڭمۇ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلايلى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite