گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم.