19 ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق،
لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»
ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۇنىڭدىن ھالاكەت ھوسۇلى ئالىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھايات ھوسۇلى ئالىدۇ.
چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.
چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟
چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.
گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنىدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئويلايدۇ. مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا مۇقەددەس روھقا خاس ئىشلارنى ئويلايدۇ.
پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
چۈنكى، ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى مۇقەددەس روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس روھمۇ ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر، بۇ قارىمۇقارشىلىق ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.
بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر.
ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق.
بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق.
ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ.
ئەلا بىلىپ سېنىڭ تەلىملىرىڭنى، زوراۋانلارنىڭ يولىدىن تارتتىم ئۆزۈمنى، يۇقتۇرمىدىم يامانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى.
گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.
خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.