Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:18
18 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.


مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى.


مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.


ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.


شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر.


خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.


لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.


چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.


بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار،


شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز.


مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite