Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:15
16 Referans Kwoze  

چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟


تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى.


لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.


ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ، ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ،


قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»~دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق!


بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق،


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.


ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ توپىدىكىلەر شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى توستى. قالغان ئىككى توپمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىقتىكى شەكەملىكلەرنى قىرىپ تاشلىدى.


بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite