Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 5:11
17 Referans Kwoze  

شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.


يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا خۇشتار كىشىلەر سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولغانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېسە، يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.


ئۇ چاغدا، پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلغان ئىسمائىل مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاپائەت بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاققا قانداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھازىر تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەرگە شۇنداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ.


نەتىجىدە، ئۇلار ئېيتقانلىرىمدىن رازى بولدى. ھەتتا مەن بىلەن بىللە بارغان تىتۇس يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇنى خەتنە قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىمىدى.


بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟


ئۇلارنىڭ ئاڭلىشىچە، سىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۆگىتىپ، تەۋراتنى چۆرۈۋېتىپسىز!


بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر.


ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر.


- ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! - دەپ چۇقان كۆتۈردى.


شۇڭا، پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى خەتنە قىلدۇردى.


مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.


ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىقتۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يەتكۈزۈلگەنغۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite