7 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر.
دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار.
دېمەك، قېرىنداشلار، بىز قۇل ئايالنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىمىز.
تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.
بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى، شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.
بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ.
مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.
ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.