Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:6
30 Referans Kwoze  

بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.


بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر.


چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ.


خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.


بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن.


مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ.


گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟


قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى.


مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


ھازىر سىلەر يەنىلا ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! ياشلىقىمىزدىن بۇيانقى دوستىمىزسەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.


ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.


ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ھەم ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. بۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.


بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەم~ئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى.


ئۇلار مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسانىڭ روھى ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يەنە بىر قېتىم يول قويمىدى.


ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى.


- ئى سۆيۈملۈك ئاتا، ھەممىگە قادىرسەن، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite