Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:4
44 Referans Kwoze  

ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان.


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


«ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.


چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.


«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.


خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.


بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.


چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.


مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»


پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ‹نوتا› پەيدا بولۇپ، ئۆز تۈۋىدىن بىخلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سالىدۇ.


ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس.


ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ.


ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.


ئەيسا مەسىھ كرېستكە مىخلانغاندا، خۇدا بارلىق گۇناھلىرىمىز خاتىرىلەنگەن، بىزگە قارشى بولغان ھېساب-كىتابىنى شۇ كرېستكە مىخلاپ، بىكار قىلدى.


ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!


- ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.


- مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!


شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھىڭلارنىڭ قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنسۇن.


بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite