28 قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار.
قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن.
دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.
سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئەجدادىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ ئەھدە قىلغان.
ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!