Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:24
24 Referans Kwoze  

ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا.


بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.


بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»


بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.


سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى.


پەرىشتە ئۇنىڭدىن: _ ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ، نەگە كېتىۋاتىسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.


ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى.


دېمەك، ئەيسا مەسىھ تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى.


ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.


ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار.


شۇ چاغدا مەن: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم.


مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە قۇل بولغانىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite