Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:21
16 Referans Kwoze  

تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟


گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


لېكىن بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.


خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن: - مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟


«قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.


- مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite