Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 سىلەرگە مەلۇمكى، كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 4:13
13 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ، ھەتتا تىترەپ كەتكەنىدىم.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.


ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن.


گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.


پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


قېرىنداشلار، گەرچە مەن يەھۇدىي بولساممۇ، ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەسىرى بولماي، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ئۇنىڭدىن مۇستەسنامەن. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، بۇ جەھەتتە ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار. سىلەر ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار.


ئۇ چاغدا، كېسىلىم سىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار، رەت قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا ئەيسا مەسىھنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار.


مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە قىزىقىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى توغرا بولسىلا، ياخشى بولاتتى، ئەلۋەتتە.


ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ كەينى چۈشۈپ كەتسە، پاك ھېسابلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite