25 ئەمدى بىز بۇنداق «تەربىيىلىگۈچى»~نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولدى.
گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.
خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.
ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.
باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر.