Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:24
16 Referans Kwoze  

ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


بۇنداق قائىدە-يوسۇنلار پەقەت ئەيسا مەسىھ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلاردىن دېرەك بېرىدىغان كۆلەڭگىدۇر. بۇ ئىشلار ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولدى.


مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم.


ئەمدى بىز بۇنداق «تەربىيىلىگۈچى»~نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولدى.


ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.


ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite