Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولغۇچە، قانۇن بىزنى قوغداش يۈزىسىدىن قاماپ قويغانىدى.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:23
15 Referans Kwoze  

ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.


چۈنكى، خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى، يەنى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىكە قويۇۋەتتى.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


ئېتىقادى بار بۇ كىشىلەر خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئېتىقادى بىلەن يىراقنى كۆرۈپ، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ياقا يۇرتلۇق ۋە مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقانىدى.


تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite