گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى. Gade chapit la |
ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.
تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى.