Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سىلەردىن شۇنىلا سورىماقچىمەنكى، مۇقەددەس روھ سىلەرگە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلىندىمۇ؟ ياق، سىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغان.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:2
19 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقاد بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ.


ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر.


خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.


ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.


پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان،


بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»


خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.


چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.


شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن.


سىلەر شۇنچە نادانمۇ؟ مۇقەددەس روھ ھاياتىڭلاردا باشلىغان ئىشنى سىلەر ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭلارغا تايىنىپ تاماملىماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟


خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite