Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:19
31 Referans Kwoze  

ئەجەب ئىش-ھە! خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! - دېدى.


پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ.


ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق.


لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ.


شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.


مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.


يۇقىرىقىلار ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېھتىلام بولۇپ، ھەيز كۆرۈپ، ھەيزدىن كېيىن يەنە قان كېلىپ ۋە ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ناپاك بولغانلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite