Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:18
14 Referans Kwoze  

مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى.


بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى، قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.


دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.


خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار.


بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite