گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.