Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ» دەپ يېزىلغان.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 3:11
20 Referans Kwoze  

سۆزلىرىم شۇكى: ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمگە قارا، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس. لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشايدۇ.


بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»


مەن ˜ھەققانىيŒ دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.»


ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ


ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.


مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!


كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.


«مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن ئەمدى ئېغىزىم ئاچمايمەن.


ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا، خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا، ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.


ئۇلار ساڭا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە،


گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite