گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق. Gade chapit la |
مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.
بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.