Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:19
28 Referans Kwoze  

خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.


ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.


ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. مەقسەت، ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار.


چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.


شۇ سەۋەبتىن، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى ئۆلگەنلەرگىمۇ، ئۇلار ئۆلمەستىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەنىدى. نەتىجىدە، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار گەرچە جىسمانىي جەھەتتە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى خۇدا ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن ياشايدۇ.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن ئازاد بولغانىكەنسىلەر، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇلارنىڭ «بۇنى تۇتما»، «ئاۋۇنى يېمە»، «بۇنىڭغا تەگمە» دېگەندەك قائىدە-يوسۇنلىرىغا يېپىشىۋالىسىلەر؟


باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن.


تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن.


ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite