Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:16
41 Referans Kwoze  

گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.


ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.


بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.


خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟


بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر.


سەن مېنى گۇناھكار دەپ قارىغانىكەنسەن، يەنە جان تالىشىپ نېمە قىلاي؟


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite