Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:15
14 Referans Kwoze  

چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.


ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.


ئەگەر ئۆز ئەجرىمگە تايىنىشقا توغرا كەلسىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىرىم يېتەرلىك بولاتتى. ئەگەر بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا تايىنىپ قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاساسىم تېخىمۇ يېتەرلىك بولاتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.


بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - ئۇستازىڭلارنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.


پەرۋەردىگار ساڭا: «بارغىن، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقىن، ھەممىسى يوقالمىقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغىن» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى.


ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكىمۇ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟! - دېدى.


بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ بىزنى گۇناھ يولىغا باشلىدى، دېسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق دېگىلى بولمايدۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite