Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 2:14
30 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق.


ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


ئەگەر ئۇ گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن.


يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا خۇشتار كىشىلەر سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولغانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېسە، يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.


ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.


ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر.


بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق.


دىيانەت يولىدا ماڭغاننىڭ قەدىمى بىخەتەردۇر، ئەگرى يولدا يۈرگەننىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر.


مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.


چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟ ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمىڭلا؟


ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە: توغرا يولدا ماڭىدىغانلار، ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار، ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،


قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.


نەتىجىدە، ئۇلار ئېيتقانلىرىمدىن رازى بولدى. ھەتتا مەن بىلەن بىللە بارغان تىتۇس يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇنى خەتنە قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىمىدى.


ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.


ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم.


سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي بايلىققا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن. ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان خۇش خەۋەر سىلەرگە دەسلەپتە يەتكۈزۈلگەن چاغدىلا بۇ ئۈمىد سىلەردە پەيدا بولغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite