Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن!

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:9
13 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار.


قوشما خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ھېچنېمىنى، بولمىسا ئۇ ئەيىبلەر سېنى، ئاشكارىلار يالغانچىلىقىڭنى.


مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمگە بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟


ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ.


ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.


ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite