Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 لېكىن، مەيلى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن بولسۇن ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»~نى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:8
23 Referans Kwoze  

بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن!


رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!


ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.


ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!


ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر.


ئۇلار ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، دەپ قاتتىق قەسەم قىلدۇق.


شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.


پېترۇس قەسەم قىلىپ: - سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.


ئۇنىڭ ئوغلى كەنئاننى قارىغاپ مۇنداق دەيدۇ: «كەنئانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولغاي.


ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ.


ئۇلار «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېگەن يالغان سۆزىنى توختاتسۇن. چۈنكى كىشىلەر شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى. ئۇلار مەن خۇدانىڭ، يەنى مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىدى.


قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite