Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:6
33 Referans Kwoze  

چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.


ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.


لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.


ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقىتىشىنى توسۇشۇڭنى سورايمەن.


ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.


ياق! ئۇنداق قىلماڭلار! بىز يەھۇدىيلار رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغاندەك، ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ!


سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر.


چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.


رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى.


رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى.


خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى.


ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز.


ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار.


بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى.


ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر.


ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.


خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


ئەمەلىيەتتە، ئەگەشكىنىڭلار ھەقىقىي خۇش خەۋەر ئەمەس، بەلكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇلار ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلىماقچى.


قېرىنداشلىرىم، مەن يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى.


مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق.


دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.


چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite